Main fundraiser photo

Donate to Build 1st Uyghur Islamic Center in USA

Donation protected
We have currently raised $400,000 (click here ), and our goal is to raise an additional $1,600,000 to purchase the space for the Islamic center permanently. 

(ئۇيغۇرچە ئاستىدا )


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
Donate to purchase a property for Uyghur Islamic Center

While thousand of Masjids have been demolished, Muslim brothers and sisters have been imprisoned and sent to concentration camps, and the religion of Islam is forbidden in East Turkistan (also known as Xinjiang) by the Chinese government. On the first day of Ramadan this year, Uyghur-Americans in the DC Metro area opened the first Uyghur Islamic Center (UIC) in Fairfax, Virginia, Alhamdulillah.
 
The Uyghur population in the United States has been looking for such a place for the last three decades. A place of worship and community like this is essential for Uyghurs here to practice our religion freely and rejoice over our culture in this historic time of diaspora.
 
We are currently renting the space and hoping to make it a permanent community center here. This property has four units and a total area of 8000 square feet. UIC is renting two of the units, with a Musalla and an activity room. These spaces have previously been used by Muslim communities for the last 15 years, including the local Turkish community and Adam’s Center.
 
Uyghurs and other communities around the area have started using this space since the beginning of Ramadan by having five daily prayers, Friday prayer, Iftar, and Taraweeh prayers. We are in the process of implementing various other programs, including Islamic studies, community service opportunities, charities, and partnerships with local Muslim and non-Muslim communities.
 
We are so grateful to have this space, as this is the first time the Uyghur community here has been able to worship and celebrate culture together. We are starting to see a growing number of Muslims and Uyghurs joining this Islamic Center, and we want to continue doing our best to keep our efforts alive. Unfortunately, the Uyghur-American population here is sparse, and we cannot fund the space by ourselves—we generously ask you to consider donating to us during the holy month of Ramadan and help us in our goal to purchase and have our own place of worship.

Uyghur Islamic Center - https://uyghurislamiccenter.org/donate/

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىگە جاي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىئانە قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز تۈرمىگە سولانغان ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى چەكلىگەن مۇشۇنداق تارىخى پەيتتە، بۇ يىل رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر-ئامېرىكىلىقلار ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدە تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنى ئاچتى، ئەلھەمدۇلىللەھ.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى  مۇشۇنداق جاينى ئىزدەۋاتقىلى 30 يىلدىن ئاشتى. بۇنداق ئورۇننىڭ بولۇشى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشىدا بەك مۇھىم.

بىز ھازىر بۇ يەرنى ئىجارىگە ئېلىۋاتىمىز ھەمدە ئۇنى ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلان قىلدۇق. بۇ  جاي سودا-ئىشخانا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت يۈرۈش ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8000 كۋادرات فۇت. ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئىككى ئورۇننى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، بىرسى مەسجىد ۋە يەنە بىرسى پائالىيەت ئۆيى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئورۇن ئۆتكەن 15 يىلدىن بېرى باشقا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان.

رامزاننىڭ 1-كۈنى كۆچۈپ كىرگەندىن باشلاپ، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا جامائەتلەر ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز ، جۈمە نامىزى ، ئىپتار ۋە تاراۋى نامازلىرى ئۈچۈن  ئىشلىتىشكە باشلىدى. بىز ھەر خىل لېكسىيە، مەھەللە مۇلازىمىتى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك پروگراممىلارنى يولغا قويۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز.

بىز بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمىز، چۈنكى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىكتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشى ۋە مەدەنىيەتنى تەبرىكلىشى ھېسابلىنىدۇ. بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىگە كېلىۋاتقان ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە جامائەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىستەيمىز. بۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئورۇننى سېتىۋېلىشقا كېرەك بولىدىغان مەبلەغنى توپلاشتا سىزلەرنىڭ ياردىمىگە موھتـاجمىز - سىزلەرنىڭ بىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشىڭىزلارنى ۋە ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

 

ھازىرغىچە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقا مۇسۇلمان جامائەتلەرنىڭ بەرگەن ئىئانىسى 400 مىڭ دوللارغا يەتتى. تەپسىلاتى تۆۋەندىكى بەتتە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

https://uyghurislamiccenter.org/donate/ - ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى

Organizer

Muhammad Uyghur
Organizer
Chantilly, VA

Your easy, powerful, and trusted home for help

  • Easy

    Donate quickly and easily.

  • Powerful

    Send help right to the people and causes you care about.

  • Trusted

    Your donation is protected by the  GoFundMe Giving Guarantee.