Happy International Mother Language Day!
Our mother tongue is our identity! Language is the heart of a nation. A nation that loses its language loses itself.
خەلق ئارا ئانا تىل كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئانا تىلىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىز! تىل بىر مىللەتنىڭ يۈرىكىدۇر ، تىلىنى يوقاتقان مىللەت، ئۆزىنى يوقاتقان بولىدۇ !
ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتى فېيىرفەكىس شەھىرىگە جايلاشقان «مېھرىبان ئانا ئانا تىل مەكتىپى»مىز، قۇرۇلغان 9 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. مەكتىپىمىز نۆۋەتتە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە دىنىمىزدىن دەرس بېرىدىغان، ئۆزئارا دوستلىشىپ كەلگۈسىدىكى ئىناق ئۇيغۇر جامائىتىنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالىدىغان ئىللىق ماكانغا ئايلاندى.
بىز 2025-يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىنى يېڭىلاپ ۋە سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى بېيىتتۇق. ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئانا تىل، نورۇز، رامىزان ۋە تۈرلۈك دالا پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. توپلىغان مول ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا تور دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا ئىشتاتتىكى ئۇيغۇر بالىلارغىمۇ ئانا تىل دەرسى بەردۇق. ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلىۋاتقان بالىلارغا تەييارلىق كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇردۇق. تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تارىخ ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردا جامائەتكە ئىلمىي دوكلات ۋە سۆھبەت سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇردۇق.
مەكتىپىمىز 2026-يىلى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەلدى، سىنىپلىرىمىز تېخىمۇ كۆپەيدى. بىز يېڭى سىنىپلارغا كېرەكلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، كېڭىيىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزنى ساقلاپ قېلىش، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇر بالىلىرى قاتنىشالايدىغان مۇنتىزىم تور دەرسى تەسىس قىلىش ۋە جامائەت بىلەن ئورتاق پايدىلىنىۋاتقان پائالىيەت زالىنىڭ مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتپەرۋەر، ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ -قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجلىقمىز.
دۇنيا ئانا تىل كۈنى ۋە مەرھەمەت ۋە ساخاۋەت ئايلىرى بولغان ئۇلۇغ روزا- رامىزان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر بىر ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن كەلگىنىچە ئىقتىسادىي ياردەمدە بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۆتۈنۈپ سورايمىز.
ۋىرجىنىيە ئانا تىل مەكتەپ ئاتا-ئانىلار ئۇيۇشمىسى.
Located in Fairfax, Virginia, USA, our “AnaCare and Education Uyghur Language School” has been striving for the past nine years to preserve, protect, and pass on the Uyghur language and culture to future generations. Today, our school has become a warm and welcoming place serving more than 100 Uyghur children, teaching mother language, culture, history, and religion, while fostering friendship and laying the foundation for a harmonious Uyghur community in the future.
In 2025, we renewed and systematized our school’s teaching programs, further strengthened our teaching staff, and enriched our curriculum content. We organized activities for our students related to Mother Language Day, Nowruz, Ramadan, and various outdoor events. Based on our accumulated teaching experience, we launched online classes and provided Uyghur language instruction to children in other states as well. We also organized preparatory courses for students preparing for college admission. Additionally, we invited well-known Uyghur intellectuals to present academic lectures and host community discussions on historical and social topics.
In 2026, our school relocated to a new space, and our number of classrooms increased. To purchase necessary teaching materials for the new classrooms, retain our expanding team of teachers, organize more meaningful activities for our growing number of students, establish regular online classes accessible to Uyghur children across the United States, and improve the environment of the community-shared activity hall, we are in need of financial support from people and community-minded Uyghurs in the United States and around the world.
As International Mother Language Day approaches—a time to celebrate linguistic and cultural heritage—we respectfully invite contributions in accordance with your capacity.
Ana Care and education Uyghur programs Parents Association
Organizer
A
Ana Care and Education Uyghur Programs
Beneficiary





